لۇغىتىم · ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق لۇغەت

تارىخ

tarix

  1. ئىنسانىيەت جەمئىيىتى ياكى بىر خەلق، دۆلەتنىڭ ئۆتمۈشتىكى تەرەققىيات جەريانى ۋە ۋەقەلىرى.

    English
    history, past
    中文
    历史
    Türkçe
    tarih
    • ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ھەر بىر مۆجىزە، ئۇلۇغ ئىشلار كىشىلەرنىڭ قان-تەر تۆكۈشى بىلەن ۋۇجۇدقا كېلىدۇ.
    • ئىنسان ئۆز تەقدىرىنى ئۆزگەرتەلەيدۇ، ئۆز تارىخىنى ئۆزى يارىتىدۇ.

    مۇناسىۋەتلىك: ئۆتمۈش

  2. بىرەر نەرسە، ئىش ياكى ساھەنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە تەرەققىياتى ھەققىدىكى بايان.

    English
    history, account
    中文
    史、历史
    Türkçe
    tarih, tarihçe
    • «يەھۇدىيلارنىڭ قەد كۆتۈرۈش تارىخى» دېگەن كىتابنى ئاخىرى ئوقۇپ بولدۇم. ناھايىتى ئېسىل كىتابكەن.
  3. مائارىپ ئۆتمۈشتىكى ۋەقەلەرنى تەتقىق قىلىدىغان پەن ۋە ئوقۇش دەرسى.

    English
    history (subject)
    中文
    历史学、历史课
    Türkçe
    tarih
    • ئۇ ئۇنىۋېرسىتېتتا تارىخ كەسپىدە ئوقۇيدۇ.