لۇغىتىم · ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق لۇغەت

چاغ1

chagh

  1. بىر ئىش يۈز بەرگەن ياكى يۈز بېرىدىغان ۋاقىت؛ پەيت.

    English
    time, moment, when
    中文
    时候
    Türkçe
    zaman, an
    • ئاتا-ئانام ئايرىلىدىغان چاغدا ماڭا نۇرغۇن نەرسىلەرنى تۇتتۇرۇپ قويدى.
    • -ئۇلار مېڭىپتۇ، مېڭىپتۇ، بىر چاغدا يىراقتىن پىلىلدىغان يورۇق كۆرۈنۈپتۇ،

    مەنىداش: ۋاقىت، پەيت

  2. ئادەم ھاياتىنىڭ ياكى تارىخنىڭ مەلۇم بىر مەزگىلى.

    English
    period, days
    中文
    时期、时代
    Türkçe
    dönem, çağ
    • ئادەتتىكى چاغلاردا ھەرخىل قىلىق ۋە كۈلكە-پاراڭلار بىلەن غىزالىنىدىغان نەۋرەممۇ ئېغىر سۈكۈت ئىچىدە ئىدى.
    • بالىلىق چاغلىرىمنى دائىم ئەسلەيمەن.

    مەنىداش: مەزگىل

شەكىللىرى: چېغى