لۇغىتىم · ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق لۇغەت

پۇقرا

puqra

  1. مەلۇم بىر دۆلەتنىڭ تەۋەلىكىگە ئىگە، شۇ دۆلەتنىڭ قانۇنىدا بەلگىلەنگەن ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەتلەردىن بەھرىمەن بولىدىغان كىشى.

    English
    citizen
    中文
    公民
    Türkçe
    vatandaş
    • ئۇ قازاقىستان پۇقراسى بولغاچقا، ۋىزىسىز كىرەلەيدۇ.
    • ھەر بىر پۇقرا قانۇنغا ئەمەل قىلىشى كېرەك.

    مۇناسىۋەتلىك: ۋەتەنداش

  2. ئەمەلدار ياكى ھۆكۈمران بولمىغان ئاددىي خەلق، ئاۋام.

    English
    common people, populace, subjects
    中文
    百姓、老百姓、平民
    Türkçe
    halk, ahali, tebaa
    • ئاخىر پۇقرالارنىڭ ھەممىسى شۇنداق دېيىشىپتۇ.
    • باھاسىنى شۇنداقمۇ ئۆرە قويۇۋالامدۇ دەيمەن؟ ئېنىقلا پۇقرالار ئۇقمىسۇن دەپتۇ.

    مەنىداش: ئاۋام

    قارشى مەنىلىك: ئەمەلدار