يېقىنقى
yéqinqi
ھازىرقى ۋاقىتقا يېقىن، ئانچە ئۇزۇن بولمىغان ئىلگىرىكى؛ تارىختا ھازىرقى زامانغا يېقىن دەۋرگە تەئەللۇق.
- English
- recent, modern (of a period)
- 中文
- 最近的、近来的、近代的
- Türkçe
- yakın, son
- ئوردا تۆشۈكى ئويۇنى يېقىنقى ۋاقىتلارغىچە ئوينالغان بولسىمۇ، ھازىر يوقاپ كېتىش ھالىتىگە كېلىپ قالدى.
- ئاتوم نەزەرىيەسى بىلەن مولېكۇلا تەلىماتىنىڭ تىكلىنىشى يېقىنقى زامان خىمىيەسىگە ئاساس سالدى.
قارشى مەنىلىك: قەدىمكى
ئارىلىق جەھەتتە يېقىن جايدا بولغان؛ ئەڭ يېقىن.
- English
- nearby, nearest
- 中文
- 附近的、最近的
- Türkçe
- yakındaki, en yakın
- يېقىنقى دوختۇرخانا بۇ يەردىن ئىككى كىلومېتىر كېلىدۇ.