يىغ
yigh
چېچىلىپ تۇرغان نەرسىلەرنى ياكى كىشىلەرنى بىر يەرگە توپلىماق.
- English
- gather, collect
- 中文
- 收集、聚集、收
- Türkçe
- toplamak
- بالىلار ھويلىدىكى خازانلارنى يىغىپ بىر يەرگە دۆۋىلىدى.
- ئاڭلىشىمىزچە، مەخپىي تەشكىلات ئەزالىرى پات-پات مۇشۇ باغقا چىقىپ يىغىلىش قىلىدىكەن.
مەنىداش: توپلا
قارشى مەنىلىك: چاچ
پىشقان زىرائەت، مېۋە قاتارلىقلارنى ئېلىپ ئامبارغا ئالماق.
- English
- harvest, gather in
- 中文
- 收割、收获
- Türkçe
- hasat etmek, toplamak
- «ئوتتۇز ئوغۇل مەشرىپى» ئاساسەن كۈزلۈك ھوسۇل يىغىلىپ بولغاندىن كېيىن باشلىنىدۇ.
- ئورۇش، يىغىش ئىشلىرى ماشىنىلاشتى.
مەنىداش: ئور
پۇل، مال قاتارلىقلارنى ئاز-ئازدىن توپلاپ ساقلىماق، جۇغلىماق.
- English
- save, accumulate
- 中文
- 攒、积攒
- Türkçe
- biriktirmek
- ئۇ ئىككى يىل پۇل يىغىپ، بىر ماشىنا سېتىۋالدى.
مەنىداش: جۇغلا
ئۆي، ئۈستەل قاتارلىقلارنى رەتلەپ، نەرسىلەرنى ئورنىغا قويماق؛ كۆرپە، داستىخان قاتارلىقلارنى قاتلاپ ئېلىپ قويماق.
- English
- clear away, tidy up, fold up
- 中文
- 收拾、叠起
- Türkçe
- toplamak, kaldırmak
- تاماقتىن كېيىن داستىخاننى يىغىۋەتتى.
- ئەتىگەن ئورنىدىن تۇرۇپلا ئورۇن-كۆرپىسىنى يىغدى.
مەنىداش: رەتلە