بىلدۈر
bildür
بىرەر ئىشنى باشقىلارغا ئۇقتۇرماق، خەۋەر قىلماق.
- English
- inform, notify, let know
- 中文
- 告知、通知
- Türkçe
- bildirmek
- ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ، خېرىدارلارغا بىلدۈرۈپ قويۇڭ.
مەنىداش: ئۇقتۇر
ئوي، ھېسسىيات، پوزىتسىيە قاتارلىقلارنى سۆز ياكى ھەرىكەت ئارقىلىق ئىپادىلىمەك.
- English
- express, convey
- 中文
- 表示、表达
- Türkçe
- bildirmek, ifade etmek
- بالا رازىلىق بىلدۈرۈپ:-دېگەنلىرىدەك بولسۇن، -دەپتۇ.
- تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى ۋە ئەزەربەيجان قاتارلىق دۆلەتلەر تۈركىيەگە تەزىيە بىلدۈردى.
مەنىداش: ئىپادىلە
سۆز، بەلگە قاتارلىقلار مەلۇم مەنىنى ئىپادىلىمەك، كۆرسەتمەك.
- English
- mean, signify, denote
- 中文
- 表示、意味着
- Türkçe
- belirtmek, anlamına gelmek
- قىزىل چىراغ خەتەرنى بىلدۈرىدۇ.