لۇغىتىم · ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق لۇغەت

نەپەر

neper

  1. سان بىلەن كېلىپ، ئادەملەرنىڭ سانىنى كۆرسىتىدىغان مىقدار سۆز.

    English
    person (counter)
    中文
    名、个
    Türkçe
    kişi
    • ئايروپىلاندىكى ئون ئۈچ نەپەر يولۇچى ۋە تۆت نەپەر ئايروپىلان خادىمى قازاغا ئۇچراپتۇ.
    • ئاپەتلىك يىللاردا، بىر نەپەر سەنئەتكارنىڭ ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپ قالغانلىقىنى بىلمىسىڭىز كېرەك.