لۇغىتىم · ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق لۇغەت

بىر

bir

  1. ئەڭ كىچىك پۈتۈن مۇسبەت سان؛ 1 رەقىمى بىلەن ئىپادىلىنىدىغان سان.

    English
    one
    中文
    一、一个
    Türkçe
    bir
    • -ئاغىنە، بىر ئاينىڭ ئالدىدا ساڭا دېگەن ھېلىقى گېپىم ئېسىڭدە باردۇ،
    • ئۇنىڭ بىر ئوغلى، ئىككى قىزى بار.
  2. ئىسىمنىڭ ئالدىدا كېلىپ، ئېنىق كۆرسىتىلمىگەن، مەلۇم بولمىغان ئادەم، نەرسە ياكى ۋاقىتنى بىلدۈرىدۇ.

    English
    a, an, a certain
    中文
    一个、某
    Türkçe
    bir
    • -ئۇلار مېڭىپتۇ، مېڭىپتۇ، بىر چاغدا يىراقتىن پىلىلدىغان يورۇق كۆرۈنۈپتۇ،
    • "كۈلەيمۇ يا يىغلايمۇ" قاتارلىق بىر تۈركۈم ياخشى ھېكايىلەرنى يېزىپ ئوقۇرمەنلەرگە سۇندى.
  3. ئوخشاش، ئورتاق؛ پەرقى يوق.

    English
    same
    中文
    同一、同
    Türkçe
    aynı
    • بىز ئىككىمىز بىر مەكتەپتە ئوقۇيمىز.

    مەنىداش: ئوخشاش