لۇغىتىم · ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق لۇغەت

ساپاق

sapaq

  1. مېۋە ياكى يوپۇرماقنى شاخقا تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان ئىنچىكە سېپى

    English
    stalk, stem
    中文
    果柄、梗
    Türkçe
    sap
    • ئالمىنىڭ ساپىقىنى ئۈزۈۋەتتى.
  2. ئۈزۈم قاتارلىق مېۋىلەرنىڭ بىر سېپىغا ئېسىلغان توپى

    English
    bunch, cluster
    中文
    串
    Türkçe
    salkım
    • ئادىل بولسىلا، بىر ساپاق ئۈزۈمنى قىرىق ئادەمگە يەتكۈزگىلى بولىدۇ.