مۇمكىن
mumkin
ئەمەلگە ئاشۇرغىلى ياكى يۈز بېرىشى ئېھتىمال بولغان؛ قىلغىلى بولىدىغان.
- English
- possible
- 中文
- 可能、可以
- Türkçe
- mümkün
- ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنت تەربىيەلەش ۋەزىپىسىدىن قېچىپ كېتىشى مۇمكىن ئەمەس.
- ئادەمنىڭ خاتالىق ئۆتكۈزمەسلىكى مۇمكىن ئەمەس.
(ھەرىكەت نامىدىن كېيىن خەۋەر سۈپىتىدە) بىرەر ئىشنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
- English
- likely, may, probably
- 中文
- 可能、也许
- Türkçe
- muhtemel, olası
- ئادىمىيلىك سۈپىتىم خانىۋەيران بولۇپ، ھايۋانىي سۈپىتىم ئورنىدىن دەست تۇرۇشى مۇمكىن.
- ئەتە يامغۇر يېغىشى مۇمكىن.
مەنىداش: ئېھتىمال