لۇغىتىم · ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق لۇغەت

مىنىستىر

ministir

  1. سىياسەت بىر دۆلەت ھۆكۈمىتىدە مەلۇم بىر ساھەنىڭ ئىشلىرىنى باشقۇرىدىغان ئورگاننىڭ ئەڭ يۇقىرى رەھبىرى بولغان ئەمەلدار.

    English
    minister
    中文
    部长、大臣
    Türkçe
    bakan
    • ئىككى دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئۇچرىشىشى ئادەتتىن تاشقىرى يېپىق ھالەتتە ئۆتتى.
    • ئۇ مۇشۇ ئىش ئۈچۈن نەچچە كۈن يول مېڭىپ يۈرۈپ، مىنىستىر بىلەن يۈزتۇرانە كۆرۈشىدىغان بولدى.

    مەنىداش: نازىر