ماڭ
mang
پۇت بىلەن قەدەم ئېلىپ ئالغا ئىلگىرىلىمەك.
- English
- walk
- 中文
- 走、步行
- Türkçe
- yürümek
- ئاتلىق يالغۇز ماڭغۇچە، پىيادە بىللە ماڭ.
- بالا بىر ياشقا كىرگەندە مېڭىشنى ئۆگەندى.
بىرەر يەرگە قاراپ يولغا چىقماق، كەتمەك.
- English
- go, leave, set off
- 中文
- 走、出发、离开
- Türkçe
- gitmek, yola çıkmak
- «ھەي، بىر مىنۇت بالدۇر ماڭغان بولسامچۇ! » دېدى ئۇ قاتتىق تېرىكىپ.
- ئاتلىقلارمۇ ئۇلار بىلەن بىللە ماڭدى.
مەنىداش: كەت
ماشىنا، سائەت قاتارلىقلار ھەرىكەت قىلماق، ئىشلىمەك.
- English
- run, work, go
- 中文
- 走、运转、开行
- Türkçe
- çalışmak, işlemek
- سائىتىم توختاپ قاپتۇ، ماڭمايدۇ.
- ئاپتوبۇس ھەر يېرىم سائەتتە بىر ماڭىدۇ.
مەلۇم يول، يۆنىلىش ياكى پىرىنسىپ بويىچە ئىش قىلماق.
- English
- follow (a path), proceed
- 中文
- 走(路线)、遵循
- Türkçe
- (yolunda) gitmek, izlemek
- ھەممىمىز توغرا يولدا مېڭىشىمىز كېرەك.