لۇغىتىم · ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق لۇغەت

مال

mal

  1. سېتىش ياكى سېتىۋېلىش ئۈچۈن بازارغا سېلىنغان نەرسە؛ تاۋار.

    English
    goods, merchandise, commodity
    中文
    货、货物、商品
    Türkçe
    mal, ürün
    • دۇكانغا يېڭى مال كەپتۇ.
    • بۇ مالنىڭ باھاسى بەك قىممەت.

    مەنىداش: تاۋار

  2. ئۆيدە بېقىلىدىغان كالا، قوي، ئات قاتارلىق ھايۋانلار؛ چارۋا.

    English
    livestock, cattle
    中文
    牲畜、牲口
    Türkçe
    hayvan, davar
    • ئۇ مال-چارۋا ۋە خەلقنىڭ جېنىغا زامىن بولغان، ئىنتايىن ۋەھشىي بىر ھايۋان ئىدى.
    • ئەتىگەندە دادام مال بېقىشقا كەتتى.

    مەنىداش: چارۋا

  3. بىرەر كىشىگە تەۋە بايلىق، مۈلۈك.

    English
    property, wealth, possessions
    中文
    财产、财物
    Türkçe
    mal, servet
    • ئوڭ قولۇڭدا قىلىچ تۇتۇپ شىلتىپ ئۇرساڭ سول قولۇڭ بىلەن مال دۇنيا ئۈلەشتۈر.

    مەنىداش: مۈلۈك، بايلىق