ئەجەب1
ejeb
ھەيرانلىق بىلەن كۈچەيتىشنى بىلدۈرىدۇ؛ نېمىدېگەن، بەكمۇ
- English
- how, really
- 中文
- 多么、真
- Türkçe
- ne kadar, amma
- «ئايال ساھابىلەر» دېگەن كىتاب ئەجەب پەيزىكەن، ئوقۇۋېتىپ ساھابىلەرنىڭ ھاياتىغا سىڭىپلا كىرىپ كەتتىم زادى.
سوئالدا ھەيرانلىقنى بىلدۈرىدۇ؛ نېمىشقا، قانداقلارچە
- English
- why ever
- 中文
- 怎么、难道
- Türkçe
- acaba
- «ئەجەب قىز بالىدەك ئىنچىكە سۆزلەيدىغان يېتىمكىنا بۇ؟ » دېدىم ئىچىمدە سەل كۈلگۈم كېلىپ.
«… ئەمەس» شەكلىدە: مۇمكىن، ھەيران قالارلىق ئەمەس
- English
- no wonder, quite possible
- 中文
- 不足为奇
- Türkçe
- şaşılmaz
- ئىنگلىز تىلى ئۆگەنگۈچىلەر ئۈچۈن ياردىمى بولسا ئەجەب ئەمەس!