لۇغىتىم · ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق لۇغەت

كېسەللىك

késellik

  1. ئادەم، ھايۋان ياكى ئۆسۈملۈك ئورگانىزمىنىڭ نورمال ئىقتىدارى بۇزۇلۇپ، ساغلاملىقىنىڭ ئاجىزلىشىشى؛ ئاغرىق.

    English
    disease, illness, sickness
    中文
    疾病、病
    Türkçe
    hastalık
    • ئادەم بەدىنىگە زۆرۈر بولغان مىكرو ئېلېمېنتلار كەم بولغاندا كېسەللىك پەيدا بولىدۇ.
    • ئادەم سەمرىپ كەتسە ھەر خىل ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى ئۇلىشىپ كېلىدۇ.

    مەنىداش: ئاغرىق

    قارشى مەنىلىك: ساغلاملىق

  2. جەمئىيەتتىكى ياكى بىرەر ئىشتىكى زىيانلىق ئەھۋال، ناچار ئادەت.

    English
    ill, malady
    中文
    弊病、毛病
    Türkçe
    illet, hastalık
    • ساختىپەزلىك جەمئىيەتنىڭ ئېغىر بىر كېسەللىكى.