لۇغىتىم · ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق لۇغەت

كوچا

kocha

  1. شەھەر ياكى يېزىدا ئىككى تەرىپىدە ئۆي-ئىمارەتلەر بولغان يول.

    English
    street, road, lane
    中文
    街、街道
    Türkçe
    sokak, cadde
    • ئۇ تۆت كوچا ئېغىزىغا كەلگەندە، پىيادىلەر يولىنىڭ يېشىل چىرىغى ئۆچۈپ قىزىل چىرىغى يېنىپ قالدى.
    • بىزنىڭ ئۆي مۇشۇ كوچىنىڭ ئاخىرىدا.
  2. ئۆينىڭ سىرتى، ئوچۇق جاي (كۆپىنچە «... غا چىق» تەركىبىدە).

    English
    outside, outdoors
    中文
    外面、户外
    Türkçe
    dışarı
    • ئۆيلەردە چىراغلار يېنىپ ئادەملەر تەمتىرىشىپ يالاڭ كىيىملىرى بىلەنلا كوچىغا چىقىشتى.

    مەنىداش: سىرت