لۇغىتىم · ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق لۇغەت

قېرىنداش

qérindash

  1. بىر ئاتا-ئانىدىن تۇغۇلغان ئاكا-ئۇكا، ئاچا-سىڭىل؛ تۇغقان.

    English
    sibling, brother, sister
    中文
    同胞兄弟姐妹、手足
    Türkçe
    kardeş
    • ئاكا-سىڭىل قېرىنداشلار بىر-بىرىنى كۆرۈپ يىغلىشىپتۇ، ھال-ئەھۋال سوراپ مۇڭدىشىپتۇ.
    • مېنىڭ ئۈچ قېرىندىشىم بار.

    مۇناسىۋەتلىك: تۇغقان

  2. بىر مىللەت، بىر دىن ياكى بىر يۇرتقا مەنسۇپ بولغان كىشىلەر؛ كۆپىنچە كىشىلەرگە سەمىمىي مۇراجىئەت قىلىشتا ئىشلىتىلىدۇ.

    English
    brother, fellow, compatriot
    中文
    同胞、兄弟
    Türkçe
    kardeş, soydaş
    • ئاقسۇ ئۇچتۇرپاندىكى ئاپەت ئەھۋالى قانداق بولۇپ كەتتى؟ قېرىنداشلار، بۇ توغرۇلۇق مەلۇماتلار يوللانمايدىغۇ؟
    • ئۇشبۇ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ياتقان يېرىنىڭ جەننەتتىن بولۇشىنى ئۇلۇغ ئاللاھتىن تىلەيمەن.