قوللا
qolla
بىرەر كىشى، پىكىر ياكى ئىشقا قوشۇلۇپ، ئۇنىڭغا ياردەم بەرمەك، يۆلەك بولماق.
- English
- support, back, endorse
- 中文
- 支持、拥护
- Türkçe
- desteklemek
- ئالدى بىلەن بىزنى قوللاپ بەرگەن بارلىق قېرىنداشلارغا رەھمەت ئېيتىپ، بىز بىر داستىخان سېلىۋالايلى.
- ئىككى ئاپتورنى سېلىشتۇرۇپ بىرنى قوللاپ بىرنى سۆككەنلەر سېپى ئۆزىدىن ساراڭ.
مەنىداش: ياقلا
قارشى مەنىلىك: قارشى تۇر
كومپيۇتېر ئۈسكۈنە ياكى يۇمشاق دېتال مەلۇم ئىقتىدار، فورمات ياكى تىلنى ئىشلىتەلەيدىغان بولماق.
- English
- support
- 中文
- 支持
- Türkçe
- desteklemek
- بۇ تېلېفون ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈشنى قوللايدۇ.