قورال
qoral
ئۇرۇش، ئۆزىنى قوغداش ياكى ئوۋ قىلىشتا ئىشلىتىلىدىغان، ئادەم ياكى نەرسىگە زىيان يەتكۈزىدىغان نەرسە؛ مىلتىق، قىلىچ قاتارلىقلار.
- English
- weapon, arms
- 中文
- 武器
- Türkçe
- silah
- ئامېرىكا ئۇكرائىنادا بىيولوگىيەلىك قورال ياسالغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى رەت قىلدى.
- ئاتوم بومبىسى زەنجىرسىمان رېئاكسىيەدىن پايدىلىنىپ ياسالغان بىر خىل چوڭ كۆلەمدىكى قىرغىنچىلىق قورالى.
مەنىداش: ياراغ
مەلۇم ئىشنى قىلىش ياكى بىرەر مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ئەسۋاب، ۋاسىتە.
- English
- tool, instrument, means
- 中文
- 工具
- Türkçe
- araç, alet
- ئاپتوموبىل، پويىز، ئايروپىلان قاتارلىق قاتناش قوراللىرى ھەرىكەتلەنگەندە ھاۋانىڭ قارشىلىق كۈچىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ.
- تىل كىشىلەرنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاقە قورالى.
مەنىداش: ۋاسىتە، سايمان