قايسى
qaysi
بىر قانچە نەرسە ياكى كىشى ئىچىدىن بىرىنى ئايرىپ سوراشتا ئىشلىتىلىدۇ.
- English
- which
- 中文
- 哪、哪个
- Türkçe
- hangi
- «ئالتەشەھەرلىك» دېگەندىكى قەدىمكى ئالتە شەھەر قايسى شەھەرلەرنى كۆرسىتىدۇ؟ بىلىدىغانلار جاۋاب قايتۇرساڭلار.
- سىز قايسى مەكتەپتە ئوقۇيسىز؟
(شەرت ياكى ئومۇملاشتۇرۇش جۈملىلىرىدە) ئېنىق بەلگىلەنمىگەن ھەرقانداق بىرىنى بىلدۈرىدۇ.
- English
- whichever, any
- 中文
- 哪个、无论哪个
- Türkçe
- hangi, hangisi
- -قايسى ئەر نومۇس قىلماي ئاياللارنىڭ ئالدىغا ئۆتۈۋالسا، ئېتىۋېتىڭ!
- قايسى كىتابنى خالىسىڭىز، شۇنى ئېلىڭ.