سەنئەت
sen'et
ھاياتنى ئوبرازلىق شەكىلدە ئەكس ئەتتۈرىدىغان ئىجادىيەت ساھەسى؛ مۇزىكا، ئۇسسۇل، رەسىم، تىياتىر قاتارلىقلار.
- English
- art, the arts
- 中文
- 艺术、文艺
- Türkçe
- sanat
- ئائىلىدىكى قىيىنچىلىق سەۋەبىدىن، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە سەنئەت مەكتەپلىرىدە ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەن.
- ئۇ بىزنىڭ پەخرىمىز، سەنئەت ۋە پەزىلەت بابىدا كامالەتكە يەتكەن ئاماننىساخاندۇر.
مۇناسىۋەتلىك: ئەدەبىيات
بىرەر ئىشنى ئۇستىلىق بىلەن قىلىش ماھارىتى.
- English
- art, skill, craft
- 中文
- 艺术、技巧
- Türkçe
- sanat, beceri
- ئۇلار زاماننىڭ تاۋىغا يارىشا ياشاشنىڭ سەنئىتىنى يامان ئەمەس ئىگىلىگەن ئىدى.
- سۆزلەش سەنئىتىنى ئۆگىنىش كېرەك.
مەنىداش: ماھارەت