لۇغىتىم · ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق لۇغەت

دەستە

deste

  1. بىر يەرگە باغلانغان گۈل، ئوت-چۆپ قاتارلىقلار؛ تۇتام.

    English
    bunch, bouquet, bundle
    中文
    束、把
    Türkçe
    deste, demet
    • ئورمانلىقتىكى ھايۋانلار ئېيىقچاقنىڭ ئائىلىسىدىن ئىنتايىن تەسىرلىنىپ، ئۇلارغا دەستە - دەستە ياۋا گۈللەرنى تەقدىم قىپتۇ.
  2. پىچاق، كەتمەن قاتارلىقلارنىڭ قولدا تۇتىدىغان يېرى؛ ساپ.

    English
    handle, haft
    中文
    柄、把手
    Türkçe
    sap, kabza
    • پالتىنىڭ دەستىسى سۇنۇپ كەتتى.
  3. «... دەستىدىن» شەكلىدە: ...نىڭ سەۋەبىدىن، ...نىڭ زەردىسىدىن.

    English
    because of, owing to
    中文
    由于、因为
    Türkçe
    yüzünden, elinden
    • ئاچچىقنىڭ دەستىدىن، ئۇ ئىستاكاننى يەرگە چۆرۈۋەتتى.