لۇغىتىم · ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق لۇغەت

تىزگىن

tizgin

  1. ئاتنى باشقۇرۇش ئۈچۈن نوختىغا باغلانغان تاسما

    English
    rein, reins
    中文
    缰绳
    Türkçe
    dizgin
    • يىگىتلەر قوغلاشقا باشلىدى. تۆمۈر خەلىپە بوز ئېتىنىڭ تىزگىنىنى قاتتىق تارتىپ، «قوغلىماڭلار! » دەپ ۋارقىرىدى.
  2. باشقۇرۇش ھوقۇقى، كونترول

    English
    control, reins
    中文
    控制权
    Türkçe
    dizgin, yönetim
    • ئۇ شىركەتنىڭ تىزگىنىنى قولغا ئالدى.