ساغلام
saghlam
بەدىنى ساق، كېسەل-ئاغرىقى يوق.
- English
- healthy, well
- 中文
- 健康的
- Türkçe
- sağlıklı, sağlam
- ئاللاھ ھىممەت قىلىپ، ھەممىمىزنىڭ بالىلىرى بىر-بىرىدىن ئەقىللىق، ساغلام چوڭ بولۇۋاتىدۇ. كۆز تەگمىسۇن.
- بوۋام سەكسەن ياشتىن ئاشقان بولسىمۇ، تېخى ساغلام.
مەنىداش: ساق
قارشى مەنىلىك: كېسەل
تەنگە پايدىلىق، سالامەتلىككە زىيىنى يوق.
- English
- healthy, wholesome
- 中文
- 健康的、有益健康的
- Türkçe
- sağlıklı
- ئادەتتە مېنىڭ چۈشلۈك تامىقىم ناھايىتى قۇۋۋەتلىك، ھەم ناھايىتى ساغلام.
- ساغلام تۇرمۇش ئادىتى يېتىلدۈرۈش ھەممىدىن مۇھىم.
نورمال، كەمچىلىكسىز، توغرا يولدا بولغان؛ (پىكىر، مۇھىت، تەرەققىيات توغرىسىدا).
- English
- sound, healthy
- 中文
- 健全的、健康的
- Türkçe
- sağlıklı, sağlam
- بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن ياخشى مۇھىت كېرەك.
- جەمئىيەتتە ساغلام كەيپىيات ئورنىتىش لازىم.