رەڭ
reng
نۇرنىڭ قايتىشى بىلەن كۆزگە كۆرۈنىدىغان قىزىل، كۆك، سېرىق قاتارلىق خۇسۇسىيەت.
- English
- color, colour
- 中文
- 颜色、色
- Türkçe
- renk
- ئاسمانغا قارىدىم. مەن ئامراق چەكسىزلىك، كەڭلىك، ئۇلۇغلۇق كۆكتە، كۆك رەڭدە ئىدى.
- سىز قايسى رەڭنى ياقتۇرىسىز؟
ئادەمنىڭ يۈز-چىرايىنىڭ تۈسى؛ چىراي.
- English
- complexion, colour (of the face)
- 中文
- 脸色、气色
- Türkçe
- beniz, yüz rengi
- ئۇنىڭ رەڭگى تاتىرىپ كەتتى، بەلكىم ئاغرىپ قالغاندۇ.
مەنىداش: چىراي
بىر نەرسىگە خاس ئالاھىدىلىك، تۈس ياكى پۇراق.
- English
- flavor, character, tinge
- 中文
- 色彩、特色
- Türkçe
- renk, nitelik
- بۇ ناخشىدا مىللىي رەڭ ناھايىتى قويۇق.
مەنىداش: تۈس
شەكىللىرى: رەڭگى