لۇغىتىم · ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق لۇغەت

رەت1

ret

  1. بىرەر تەلەپنى، تەكلىپنى ياكى ئىشنى قوبۇل قىلماسلىق؛ ئۇنىماسلىق. كۆپىنچە «قىلماق» بىلەن كېلىدۇ.

    English
    refusal, rejection
    中文
    拒绝
    Türkçe
    ret, reddetme
    • ئاتا-ئانا بولغۇچى ھەرگىزمۇ بىر لاياقەتلىك كۈيئوغۇلنى رەت قىلمايدۇ.
    • ئالبانىيە، سۈرىيەنىڭ خىمىيەلىك قوراللىرىنى ئالبانىيەدە كۆيدۈرۈشنى رەت قىلدى.

    قارشى مەنىلىك: قوبۇل

  2. بىرەر خەۋەرنىڭ، دەۋانىڭ ياكى پاكىتنىڭ توغرىلىقىنى ئېتىراپ قىلماسلىق؛ ئىنكار. «قىلماق» بىلەن كېلىدۇ.

    English
    denial
    中文
    否认、驳斥
    Türkçe
    inkâr, yalanlama
    • ئامېرىكا ئۇكرائىنادا بىيولوگىيەلىك قورال ياسالغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى رەت قىلدى.

    مەنىداش: ئىنكار

  3. بىر ئىشنىڭ قايتا-قايتا بولغاندىكى ھەر بىر قېتىمى.

    English
    time, occasion
    中文
    次、回
    Türkçe
    kez, defa
    • ئۇ بۇ ئىشنى ئۈچ رەت تەكرارلىدى.

    مەنىداش: قېتىم