لۇغىتىم · ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق لۇغەت

ئاخىرەتلىك

axiretlik

  1. ئۆلگۈچىنىڭ ئۇ دۇنيادىكى ھالى (تەزىيە سۆزلىرىدە)

    English
    afterlife (of the deceased)
    中文
    来世
    Türkçe
    ahiret
    • ئالدىنقى كۈنى مۇسىبەت خەۋىرىنى كۆرۈپ كۆڭلۈم تولىمۇ يېرىم بولدى. ئاخىرەتلىكى خەيرلىك بولسۇن!
  2. ئۆلگەندە ئىشلىتىش ئۈچۈن تەييارلانغان نەرسىلەر (كېپەنلىك قاتارلىق)

    English
    burial things, shroud
    中文
    寿衣、后事用品
    Türkçe
    kefenlik
    • موماي ئاخىرەتلىكىنى ئاللىبۇرۇن تەييارلاپ قويغان.