ئارقىلىق
arqiliq
ھەرىكەتنىڭ قايسى ۋاسىتە، قورال ياكى ئۇسۇل بىلەن ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
- English
- by means of, through, by
- 中文
- 通过、借助
- Türkçe
- aracılığıyla, yoluyla
- ئادەم ئۆزىنىڭ ئېھتىياجلىرىنى دېيىش ھەم قاندۇرۇش ئارقىلىق ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى ھېس قىلىدۇ.
- ئادەم بىلىم ئارقىلىق ئۆزىنى بىلەلەيدۇ. ئەخلاق ئارقىلىق ئۆزىنى ھەقىقىي ئادىمىيلىك ماقامىغا كۆتۈرەلەيدۇ.
مەنىداش: بىلەن
بىر جايدىن ئۆتۈپ، شۇ جاي يولى بىلەن دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.
- English
- via, through
- 中文
- 经由、经过
- Türkçe
- üzerinden
- بىز ئۈرۈمچى ئارقىلىق بېيجىڭغا باردۇق.