لۇغىتىم · ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق لۇغەت

ئەزا

eza

  1. بىرەر تەشكىلات، جەمئىيەت، كوللېكتىپ ياكى ئائىلىگە تەۋە بولغان ھەر بىر كىشى.

    English
    member
    中文
    成员、会员
    Türkçe
    üye
    • «ئوتتۇز ئوغۇل مەشرىپى» گە ئەزا بولغۇچىلارنىڭ سانى چەكلەنمەيدۇ.
    • ئۇ ئائىلىمىزنىڭ بىر ئەزاسى.
  2. ئاناتومىيە جانلىقلار بەدىنىنىڭ مەلۇم ۋەزىپىنى ئۆتەيدىغان قىسمى.

    English
    organ, body part
    中文
    器官
    Türkçe
    organ, uzuv
    • يۈرەك بەدەندىكى ئەڭ مۇھىم ئەزالارنىڭ بىرى.
    • تاماكا چېكىش نەپەس ئەزالىرىغا زىيان يەتكۈزىدۇ.