لۇغىتىم · ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق لۇغەت

قاينا

qayna

  1. سۇيۇقلۇق ئىسسىقلىقتىن كۆپۈكلىنىپ، پار چىقارماق.

    English
    boil
    中文
    沸腾、开
    Türkçe
    kaynamak
    • سۇ قاينىغاندىن كېيىن ئەگەر داۋاملىق قىزىتسا، تېمپېراتۇرىسى بارغانسېرى ئۆرلەمدۇ؟
  2. ئىش، ھاياتلىق ئاۋات بولماق، جۇش ئۇرماق.

    English
    bustle, be in full swing
    中文
    热火朝天
    Türkçe
    kaynamak
    • دېھقانلار ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلىرىغا جىددىي كىرىشىپ كەتتى، ئېتىزلاردا ئىش قايناپ كەتتى.
  3. ئېغىز تىلى ئاچچىقلانماق، قىزىشماق.

    English
    flare up
    中文
    发火
    Türkçe
    sinirlenmek
    • بۈگۈن سەل قايناپ قالدىم. ئەسلى بىراۋنىڭ كۆڭلىنى رەنجىتىش نىيىتىم يوق ئىدى.