قايرى
qayri
بىرەر نەرسىنىڭ ئۇچىنى ياكى يېنىنى قاتلاپ ئارقىغا ئاچماق
- English
- fold back, turn back
- 中文
- 翻开、掀起
- Türkçe
- kıvırmak, açmak
- ئۇلاردىن بىرى ھەربىيچە جۇۋىنىڭ پېشىنى قايرىپ تاپانچىسىنى چىقاردى.
«قايرىپ قوي» شەكلىدە: بىر چەتكە قويماق، ئېتىبارسىز قالدۇرماق
- English
- set aside, disregard
- 中文
- 撇开
- Türkçe
- bir kenara bırakmak
- بىز پىرىنسىپنى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ ئىش تۇتساق، ئۇنىڭدىن سەلبىي ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىدۇ.