لۇغىتىم · ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق لۇغەت

شىر

shir

  1. يايلاقتا ياشايدىغان، يالىلىق، ناھايىتى كۈچلۈك يىرتقۇچ ھايۋان.

    English
    lion
    中文
    狮子
    Türkçe
    aslan
    • ئافرىقا يايلىقىدىكى شىر قورسىقى تويسىلا، ھەرقانچە سېمىز بۆكەنلەر يېنىدىن ئۆتسىمۇ ئۇلارغا قاراپ قويمايدۇ.
  2. كۆچمە مەنىدە: باتۇر، قورقماس ئادەم.

    English
    lion (brave man)
    中文
    勇士
    Türkçe
    aslan, yiğit
    • ئۆزۈڭنى ئەر چاغلىساڭ، ئۆزگىنى شىر چاغلا.