تېلېفون
téléfon
ئاۋازنى سىم ياكى سىمسىز يول ئارقىلىق يىراققا يەتكۈزۈپ، كىشىلەرنى بىر-بىرى بىلەن سۆزلەشتۈرىدىغان ئالاقە ئەسۋابى.
- English
- telephone, phone
- 中文
- 电话、手机
- Türkçe
- telefon
- ئايالىم بۇ ۋەقەنى تېلېفوندا ۋەتەندىكى دوستلىرىغا بىرمۇبىر يەتكۈزدى.
- ئامېرىكا جەمئىيىتىدە نۇرغۇن ئىشلار تېلېفون ئارقىلىقلا بېجىرىلىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك: يانفون
مۇشۇ ئەسۋاب ئارقىلىق قىلىنغان سۆزلىشىش؛ چاقىرىق.
- English
- phone call, call
- 中文
- 电话、来电
- Türkçe
- telefon, arama
- ئادىمىڭىز ماڭا تېلېفون قىلسۇن.
- ئاخشام ئاپامدىن تېلېفون كەلدى.