لۇغىتىم · ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق لۇغەت

تۈزۈم

tüzüm

  1. جەمئىيەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئاساسىنى تەشكىل قىلغان تەرتىپ ۋە شەكىل.

    English
    system, regime
    中文
    制度
    Türkçe
    düzen, rejim
    • ئاشۇ يىراق ئۆتمۈشتە ئاتىلىق ئۇرۇقداشلىق تۈزۈمى ئورنىتىلغان.
    • ئىنسانلارنىڭ ئانىلارنى ئۇلۇغلاش ئىدىيەسى ئىپتىدائىي جامائەت تۈزۈمى تۇرغۇزۇلغان دەۋرلەردىلا باشلانغان.
  2. مەلۇم ئورگان، تەشكىلات ياكى ئىش ئۈچۈن بەلگىلەنگەن قائىدە-نىزاملار.

    English
    rules, regulations
    中文
    制度、规章
    Türkçe
    kurallar, yönetmelik
    • «ئوتتۇز ئوغۇل مەشرىپى» گە ئەزا بولۇشنىڭ تۈزۈمى بار.
    • ئىدارىمىزنىڭ ئىشقا كېلىش-كېتىش تۈزۈمى ناھايىتى قاتتىق.

    مەنىداش: نىزام