لۇغىتىم · ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق لۇغەت

تۇيغۇ

tuyghu

  1. سەزگۈ ئەزالىرى ئارقىلىق تاشقى ياكى ئىچكى تەسىرنى سېزىش؛ سېزىم.

    English
    sensation, feeling
    中文
    感觉
    Türkçe
    his, duyu
    • سوغۇقتا ئۇزۇن تۇرۇپ قولۇمدا ھېچقانداق تۇيغۇ قالمىدى.

    مەنىداش: سېزىم

  2. بىرەر نەرسىنى ھېس قىلىش، چۈشىنىش ياكى پەرق ئېتىش ئىقتىدارى.

    English
    sense
    中文
    感、意识
    Türkçe
    duygu, his
    • ئادەتتە قىزلارنىڭ يۆنىلىش تۇيغۇسى ئىنتايىن ناچار.
    • ئۇنىڭدا مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ناھايىتى كۈچلۈك.
  3. كۆڭۈلدە پەيدا بولغان ھېسسىيات ياكى تەسىرات.

    English
    feeling, impression
    中文
    感受、感觉
    Türkçe
    duygu, his
    • ئۇ چاغلاردىكى تۇيغۇ پەقەت يېڭىلىق، كۆڭۈل ئېچىشلا بولغانىدى.

    مەنىداش: ھېسسىيات