تۇرۇبا
turuba
سۇ، گاز، ئىس قاتارلىقلارنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ئىچى كاۋاك ئۇزۇن نەيچە.
- English
- pipe, tube
- 中文
- 管子、管道
- Türkçe
- boru
- بىز قۇدۇق سۈيى ئىچىۋاتىمىز، بىراق شەھەرلىكلەر تۇرۇبا سۈيى بىلەن مىنېرال سۇ ئىچىۋاتقىلى خېلى بولدى.
- ئاشخانىدىكى سۇ تۇرۇبىسى يېرىلىپ كېتىپتۇ.
مۇناسىۋەتلىك: نەيچە
تېلېفوننىڭ قولغا ئېلىپ قۇلاققا تۇتۇپ سۆزلىشىدىغان قىسمى.
- English
- receiver, handset
- 中文
- 听筒、话筒
- Türkçe
- ahize
- ئۇ تېلېفون تۇرۇبىسىنى ئېلىپ نومۇر باستى.