لۇغىتىم · ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق لۇغەت

باھالىق

bahaliq

  1. مەلۇم باھادىكى (ئاساسەن ئېنىقلىغۇچى بىلەن).

    English
    priced
    中文
    …价的
    Türkçe
    fiyatlı
    • بۇ بىزنىڭ باش شىركەتتىن تارقاتقان ئېتىبار باھالىق كارتا.
  2. قىممىتى يۇقىرى، قەدىرلىك.

    English
    valuable
    中文
    有价值的
    Türkçe
    değerli
    • ھايالىق كىشى — باھالىق ئىشى.