تاماق
tamaq
ئادەم يەيدىغان پىشۇرۇلغان ياكى تەييارلانغان يېمەكلىك؛ ئاش.
- English
- food, dish
- 中文
- 饭、食物、菜
- Türkçe
- yemek
- ئالدىراپ، چاققان تاماق يېگەندە، ئاشقازان ۋە ئۈچەينى زەخىملەندۈرىمىز.
- ئاپام بۈگۈن مەززىلىك تاماق ئەتتى.
مەنىداش: ئاش
مەلۇم ۋاقىتتا ئولتۇرۇپ غىزالىنىش؛ ناشتا، چۈشلۈك ياكى كەچلىك غىزا.
- English
- meal
- 中文
- 饭、餐
- Türkçe
- yemek, öğün
- ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمىدا مېنىڭ غەربچە ئاشخانىدا كەچلىك تاماق يېگۈم بار.
- ئاشقازان-ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان دورىنى تاماقتىن بۇرۇن ئىستېمال قىلىش كېرەك.
بوينىنىڭ ئالدى ۋە ئىچكى قىسمى، يېمەك ۋە ھاۋا ئۆتىدىغان يول؛ گال.
- English
- throat
- 中文
- 喉咙、嗓子
- Türkçe
- boğaz
- سوغۇق تېگىپ تامىقىم ئاغرىۋاتىدۇ.
مەنىداش: گال
شەكىللىرى: تامىقى