تارقات
tarqat
بىرەر نەرسىنى كۆپ كىشىگە بۆلۈپ بەرمەك؛ ئۈلەشتۈرمەك.
- English
- distribute, hand out
- 中文
- 分发、发放
- Türkçe
- dağıtmak
- بىز تۈنۈگۈن فىرانسىيەدىكى ئانا تىل مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىغا دىپلوم تارقىتىپ تەبرىكلىدۇق، بەك كۆڭۈللۈك بولدى.
- ئىككى كۈنلۈك تەشۋىق ۋارىقى تارقىتىش پائالىيىتى ئۇتۇقلۇق ئاخىرلاشتى.
خەۋەر، ئۇچۇر، پىكىر ياكى كېسەل قاتارلىقلارنى كەڭ دائىرىگە يايماق.
- English
- spread, disseminate
- 中文
- 传播、散布
- Türkçe
- yaymak
- بىرسى بۇ يالغان خەۋەرنى تورغا تارقاتقان.
شەكىللىرى: تارقىتىپ · تارقىتىش