لۇغىتىم · ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق لۇغەت

ھالاكەت

halaket

  1. ۋەيران بولۇش، ئۆلۈم؛ تۈگەشكە ئېلىپ بارىدىغان بالا.

    English
    destruction, ruin, doom
    中文
    毁灭、灭亡
    Türkçe
    helak, yıkım
    • يېقىملىق شىلدىرلاپ ئېقىۋاتقان بۇ نەرسە سېنى ئاستا-ئاستا نابۇت قىلىۋاتقان ھالاكەت ئىدى.
  2. پاراخوت، ئايروپىلان قاتارلىقلارنىڭ بۇزۇلۇپ، چۆكۈپ ياكى چۈشۈپ كېتىش ھادىسىسى.

    English
    wreck, crash
    中文
    失事、遇难
    Türkçe
    kaza
    • ھەتتا ھالاكەتكە ئۇچرىغان پاراخوتمۇ ئۇنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا بويسۇنۇۋاتقاندەك قىلاتتى.