بۆل
böl
بىر پۈتۈن نەرسىنى ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق قىسىمغا ئايرىماق.
- English
- divide, split
- 中文
- 分、分开、划分
- Türkçe
- bölmek, ayırmak
- بۈگۈن ئەكرەمكام باشلىق بىر قانچىمىز گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ، پائالىيەتنىڭ تەييارلىقىنى قىلدۇق.
- ئانام نانى تۆتكە بۆلدى.
مەنىداش: ئايرى
بار نەرسىنى بىرنەچچە كىشىگە ئۈلەشتۈرۈپ بەرمەك.
- English
- share, distribute
- 中文
- 分配、分给
- Türkçe
- paylaşmak, bölüştürmek
- باي بولسا بۆلۈپ بەرمەس، گاداي بولسا ئۆلۈپ.
- ئۇلار ئالغان مۇكاپات پۇلىنى ئۆزئارا تەڭ بۆلدى.
مەنىداش: ئۈلەشتۈر
ماتېماتىكىدا بىر ساننى يەنە بىر سانغا ھېسابلاپ نەتىجىسىنى چىقارماق.
- English
- divide
- 中文
- 除
- Türkçe
- bölmek
- بالام كۆپەيتىش، بۆلۈش، قوشۇش، ئېلىش ئەمەللىرىنى ھېسابلاشنى ياخشى ئۆگىنىۋالدى.
- ئون ئىككىنى ئۈچكە بۆلسەك، تۆت چىقىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك: كۆپەيت
ۋاقىت، كۈچ، دىققەت قاتارلىقلارنى مەلۇم ئىشقا ئاجرىتماق؛ «كۆڭۈل ~»، «دىققەت ~» شەكلىدە كۆپ ئىشلىتىلىدۇ.
- English
- devote, pay (attention)
- 中文
- 关心、注意
- Türkçe
- ayırmak, önem vermek
- ھۆكۈمەت مائارىپقا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈۋاتىدۇ.
- دەرسكە دىققەت بۆلمىسەڭ، ھېچنېمە ئۇقمايسەن.
باشقىلارنىڭ سۆزى ياكى ئىشىنى ئارىدا توختىتىۋەتمەك.
- English
- interrupt
- 中文
- 打断
- Türkçe
- sözünü kesmek
- ئۇ مېنىڭ سۆزۈمنى بۆلۈپ، ئۆز پىكرىنى ئېيتتى.