لەۋ
lew
ئېغىزنىڭ ئۈستى ۋە ئاستىدىكى يۇمشاق گۆش قىسمى
- English
- lip
- 中文
- 嘴唇
- Türkçe
- dudak
- ئۇ چاك-چاك يېرىلغان لەۋلىرى بىلەن ئوغلىنىڭ پېشانىسىگە سۆيۈپ قويدى.
نەرسىنىڭ قىرى، چېتى «قازاننىڭ، ئۇپۇقنىڭ ...»
- English
- edge, rim
- 中文
- 边、边缘
- Türkçe
- kenar
- ئۇپۇق لېۋىگە قەدەم ئېلىۋېتىپ، ھارغىنلىق ئىچىدە ئەسنەپ كېلەتتى.
شەكىللىرى: لېۋى