لۇغىتىم · ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق لۇغەت

ئەۋلاد

ewlad

  1. بىر ئادەم ياكى خەلقتىن تارقالغان كېيىنكى نەسىللەر؛ پەرزەنتلەر، نەۋرە-چەۋرىلەر.

    English
    descendants, offspring, posterity
    中文
    后代、子孙
    Türkçe
    nesil, soy, torunlar
    • ئېسىڭلاردا بولسۇنكى، سىلەر شانلىق ئەجدادلارنىڭ ئەۋلادلىرى.
    • ئۇلار كېيىنكى ئەۋلادلارغا قىممەتلىك جاھانشۇمۇل ئەسەرلەر ۋە ئابىدىلەرنى قالدۇردى.

    مەنىداش: نەسىل

    قارشى مەنىلىك: ئەجداد

  2. تەخمىنەن ئوخشاش دەۋردە تۇغۇلۇپ ياشىغان كىشىلەر توپى؛ بوغۇن.

    English
    generation
    中文
    一代、代
    Türkçe
    kuşak, nesil
    • ياش ئەۋلادنى تەربىيىلەش ھەممىمىزنىڭ مەسئۇلىيىتى.

    مەنىداش: بوغۇن