كاشىلا
kashila
ئىشقا توسالغۇ بولىدىغان ئاۋارىچىلىك «... قىلماق»
- English
- trouble, hindrance, disturbance
- 中文
- 麻烦、干扰
- Türkçe
- engel, sorun
- كىشىلەرنىڭ خىزمىتىمگە كاشىلا قىلىشىدىن ھەم نام-شۆھرەت ئېلىپ كەلگەن ئاۋارىچىلىكلەردىن خالىي بولدۇم.
ماشىنا-ئۈسكۈنىلەرنىڭ نورمال ئىشلىمەسلىكى
- English
- fault, malfunction
- 中文
- 故障
- Türkçe
- arıza
- شۇ ۋاقىتلاردا، بىز بەزىدە كاشىلىسى چوڭراق رادىيولارنى رېمونت قىلالمىدۇق.