ئەسكەرت
eskert
بىرەر خەتەر ياكى خاتالىقتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئالدىن ئېيتىپ قويماق؛ ئاگاھلاندۇرماق.
- English
- warn, caution
- 中文
- 警告、提醒
- Türkçe
- uyarmak
- دوختۇر ئۇنىڭغا تاماكىنى تاشلاش كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.
- ئامېرىكىدا بۇ ھەقتىكى تەربىيە ۋە ئەسكەرتىش يەسلىدىن باشلىنىدىكەن.
مەنىداش: ئاگاھلاندۇر
ئۇنتۇلۇپ قالماسلىقى ياكى دىققەت قىلىنىشى ئۈچۈن بىرەر ئىشنى ئېسىگە سالماق ياكى ئالاھىدە كۆرسىتىپ ئۆتمەك.
- English
- remind, point out, note
- 中文
- 提醒、注明、指出
- Türkçe
- hatırlatmak, belirtmek
- تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.
- ئوقۇتقۇچى ئىمتىھان ۋاقتىنى يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتتى.