لۇغىتىم · ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق لۇغەت

سۆرە

söre

  1. يەرگە سۈركەپ، تارتىپ ماڭ

    English
    drag, haul, pull
    中文
    拖、拉
    Türkçe
    sürüklemek
    • ئېشەكنىڭ تېنى ئاجىز بولغاچقا، ساپاننى سۆرەپ ماڭالمىسا ئۇرۇۋېرىپ ئۆلتۈرۈپ قويغىلى تاس قاپتۇ.
  2. «كەينىگە ...» شەكلىدە: كېچىكتۈر، سوزۇپ يۈر

    English
    put off, delay
    中文
    拖延
    Türkçe
    ertelemek
    • ئەمەلىيەتتە، كەينىگە سۆرەش سۇسلۇقنىڭ تىپىك مىسالى. تېزدىن ھەرىكەتكە كېلىش، كەينىگە سۈرمەسلىك كېرەك.