لۇغىتىم · ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق لۇغەت

ساۋاق

sawaq

  1. ئۆگىتىلىدىغان بىلىم، دەرس

    English
    lesson
    中文
    课、功课
    Türkçe
    ders
    • -ئەمىسە، ھازىرلا ساۋاق بەر، مەن خەت ئوقۇش بىلەن يېزىشنى ئۆگىنەي! -دېدى لۇتپۇللا دادىسىنى ئالدىرىتىپ.

    مەنىداش: دەرس

  2. تەجرىبە-خاتالىقتىن چىقىرىلغان خۇلاسە، ئىبرەت

    English
    lesson, moral
    中文
    教训
    Türkçe
    ders, ibret
    • بىز ئاۋۋال تارىختا ئۆتكۈزگەن خاتالىقلىرىمىزدىن ساۋاق ئېلىشقا جۈرئەت قىلالايدىغان بولۇشىمىز كېرەك.

    مەنىداش: ئىبرەت