لۇغىتىم · ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق لۇغەت

ئەر

er

  1. ئوغۇل جىنسىدىكى، بالاغەتكە يەتكەن ئادەم.

    English
    man, male
    中文
    男人、男子
    Türkçe
    erkek, adam
    • ئائىلە — بىر كىتاب. ئۇنى ئەر-ئايال ئىككىيلەن زور بەدەللەر بىلەن يېزىپ چىقىدۇ.
    • -قايسى ئەر نومۇس قىلماي ئاياللارنىڭ ئالدىغا ئۆتۈۋالسا، ئېتىۋېتىڭ!

    قارشى مەنىلىك: ئايال

  2. بىر ئايالنىڭ نىكاھلانغان جورىسى.

    English
    husband
    中文
    丈夫
    Türkçe
    koca, eş
    • ئۇنىڭ ئېرى دوختۇرخانىدا ئىشلەيدۇ.
    • ئۇ ئېرى بىلەن بىللە بازارغا چىقتى.

    قارشى مەنىلىك: ئايال