ئېغىر
éghir
سالمىقى كۆپ، كۆتۈرۈش ياكى يۆتكەش تەس بولغان.
- English
- heavy
- 中文
- 重、沉重
- Türkçe
- ağır
- بۇ ساندۇق بەك ئېغىر ئىكەن، يالغۇز كۆتۈرەلمىدىم.
قارشى مەنىلىك: يېنىك
دەرىجىسى يۇقىرى، ئاقىۋىتى چوڭ؛ جىددىي، خەتەرلىك.
- English
- serious, severe, grave
- 中文
- 严重、重
- Türkçe
- ağır, ciddi
- ئائىلىدىكى زوراۋانلىقنىڭ ئەڭ ئېغىر زىيىنى — بالىلارنى زوراۋانلىققا سۈكۈت قىلىشقا ئادەتلەندۈرۈپ قويۇشتىن ئىبارەت.
- ئۇ قاتناش ۋەقەسىدە ئېغىر يارىلاندى.
مەنىداش: جىددىي
قارشى مەنىلىك: يېنىك
كۆتۈرۈش، چىداش ياكى ئورۇنلاش تەس بولغان؛ مۇشەققەتلىك، ئازابلىق.
- English
- hard, arduous, painful
- 中文
- 繁重、沉痛、艰苦
- Türkçe
- ağır, zor
- ئاتا-ئانا ئۈچۈن ئەڭ ئېغىر ئازاب —ئۆز بالىسىدىن كۆرگەن خورلۇق.
- ئۇ ئېغىر ئەمگەك بىلەن ئائىلىسىنى باقتى.
مەنىداش: مۇشەققەتلىك
قارشى مەنىلىك: يېنىك