ئۆز
öz
قايتىما ئالماش؛ ھەرىكەتنىڭ ئىگىسىگە قايتىدىغانلىقىنى ياكى دەل شۇ شەخسنىڭ ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ؛ ئادەتتە ئىگىلىك قوشۇمچىسى بىلەن كېلىدۇ.
- English
- self, oneself
- 中文
- 自己
- Türkçe
- kendi, kendisi
- «ھەي، بىر مىنۇت بالدۇر كەلسەم بوپتىكەن» دېدى ئۇ ئۆزىگە ئاچچىقلاپ.
- «بۇنداق پىشمىغان ئۈزۈملەرنى يەپ نېمە قىلاي» دەپ ئۆز-ئۆزىگە تەسەللى بېرىپتۇ.
ئىسىمنىڭ ئالدىدا كېلىپ، شۇ نەرسىنىڭ ئىگىسىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.
- English
- own
- 中文
- 自己的
- Türkçe
- kendi
- ھەر كىم ئۆز ئىشىغا مەسئۇل.
- ئۇ ئۆز ئۆيىدە تۇرىدۇ.
ئىگىلىك قوشۇمچىسى بىلەن كېلىپ، تىلغا ئېلىنغان نەرسىنىڭ باشقا ئەمەس، دەل شۇ نەرسە ئىكەنلىكىنى كۈچەيتىپ كۆرسىتىدۇ.
- English
- itself, the very
- 中文
- 本身
- Türkçe
- kendisi
- -كىچىك يىگىت، مۇشۇ تاشنىڭ ئۆزى بىر كىتاب!